Skip Global Navigation to Main Content
Skip Breadcrumb Navigation
بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزى
 

2011- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى

PDF Version

بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزى

 

ئاق ساراي ئاخبارات كاتىبات ئىشخانىسى

شۇ كۈنى ئېلان قىلدى

شەرقىي چوڭ زال

2011-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى شەرقىي ئامېرىكا ۋاقتى يازلىق ۋاقىت كەچ سائەت 11:35 تە.

زۇڭتۇڭ:

خەيرلىك كەچ! بۈگۈن كېچە، مەن ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنياغا شۇنى جاكارلايمەنكى، ئامېرىكا بىر قېتىملىق ھەربىي ھەركەت ئىجرا قىلىپ، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، تېرورچى ئۇساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىركى سىنتەبىرنڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى، ئامېرىكا خەلقى تارىختىن بۇيان ئەڭ ئېچىنىشلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن قاراڭغۇ زۇلمەتكە چۆمگەنىدى. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ كۆرۈنۈشلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ــــ گۆرۈگە ئېلىنغان ئايروپىلان سىنتەبىرنڭ شۇ سۈزۈك ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتتى؛ قوش مۇنار يەرگە يېقىلدى؛ قاپقارا ئىس-تۈتەك بەش بۇرجەكلىك بىنادىن توختىماي چىقىۋاتاتتى؛ 93-قېتىملىق ئايروپىلاننىڭ سۇنۇقلىرى شانكسۋىلغا چېچىلدى، قەھرىمان پۇقرالار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېزىلشى ۋە يوقۇلۇش گىردابىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بىراق، بىز بىلىمىزكى ئەڭ ئېچىنىشلىقى خەلقئارا كۆرمىگەن كۆرۈنۈشلەردۇر. ئۇ بولسىمۇ داستىرخاندىكى بوش قالغان ئورۇنلار، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئاتا- ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان شۇ بالىلار، بالىلىرىنىڭ قۇچاقلىغان تۇيغۇسىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالغان شۇ ئاتا- ئانىلار. 3000 غا يېقىن پۇقرالىرىمىزبىزنىڭ يېنىمىزدىن ئېلىپ كېتىلدى، بۇ قەلبىمىزدە چوڭقۇر بىر بوشلۇق قالدۇردى.

2001-يىلىنىڭ 11-سىنتەبىردىكى قايغۇ كۈنىمىزدە ئامېرىكا خەلقى بىرلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى. قوشنىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق، ياردارلارغا قېنىمىزنى تەقدىم قىلدۇق. بىز ئوتتۇرىمىزدىكى قانداشلىق مېھرى ھەمدە جەمئىيىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى قايتا نامايان قىلدۇق. شۇ كۈنى، مەيلى بىز قەيەردىن كەلدۇق، مەيلى ئېتىقادىمىز نېمە بولسۇن، مەيلى قايسى مىللەت ياكى قايسى ئېرىق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، بارلىق خەلقىمىز ئىتتىپاقلىشىپ ئامېرىكا چوڭ ئائىلىسىنى نامايەن قىلدۇق.

بىز ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دۆلىتىمىزنى قوغداش، ئاشۇ چېكىدىن ئاشقا جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتىللارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئىرادىسىگە كەلدۇق. بىز ناھايىتى تېزدىنلا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نى «بازا» تەشكىلاتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېگىلىدۇق،ــــ ئۇساما بىن لادېن باشچىلىقىدىكى بۇ تەشكىلات ئامېرىكىغا ئوچۇق-ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلدى، ھەمدە دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەسەم قىلدى. شۇڭا، بىز پۇقرالىرىمىز، دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بىن لادېنغا قارىتا جەڭ باشلىدۇق.

ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ھەربىيلىرىمىز ۋە تېرورلۇققا قارشى خادىملىرىمىزنىڭ ھارماي-تالماي قەھرىمانلارچە تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تېرورچىلارنىڭ ھوجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتتۇق. ئافغانىستاندا، بىن لادېن ۋە «بازا» تەشكىلاتىنى قوغدىغان ھەم قوللىغان تالىبان ھاكىمىيىتىنى يۇقاتتۇق. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ «بازا» تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن تېرورچى ئۇنسۇرلىرىنى تۇتىۋالدۇق ۋە ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە «11-سېنتەبىر» سۈيقەستىنى پىلانلاشقا قاتناشقان بىر قانچە ئۇنسۇرلارمۇ بار.

لېكىن، بىن لادېن قېچىپ قۇتۇلۇپ قالدى، ئافغانىستان چېگراسىدىن ھالقىپ پاكىستانغا كىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بازا» تەشكىلاتى مۇشۇ چېگرىنى بويلاپ داۋاملىق ھەرىكەت قىلغان، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى تارماقلىرى ئارقىلىق داۋاملىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

شۇڭا، مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لېئون پانېتتاغا مۇنداق يوليۇرۇق بەردىم: بىز بىن لادېننىڭ تورىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك گۇمران قىلىش، يۇقىتىش ۋە مەغلۇب قىلىش بىلەن بىرگە، بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ياكى تۇتۇشنى ــــ بىزنىڭ «بازا» تەشكىلاتى بىلەن بولغان جەڭنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىشىمىز كېرەك.

كېيىن، ئۆتكەن يىل 8- ئايدا، ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ يىل جاپالىق خىزمىتى ئارقىلىق بىن لادېن بولۇشى مۇمكىنچىلىك يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ تاپقانلىق توغرىسىدا دوكلات ئاڭلىدىم. ئەينى چاغدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نەچچە ئاي تىرىشىش ئارقىلىق يىپ ئۇچىنى مۇئەييەنلەشتۈردۇق. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىز بىن لادېننىڭ پاكىستاندىكى يۇشۇرۇنغان جايى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئاخباراتقا ئېرىشتۇق. مەن دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك قوشۇنى بىلەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئاخىرى، ئۆتكەن ھەپتە، ھەرىكەت قوللىنىشقا يېتەرلىك ئاخپاراتقا ئىگە بولدۇق دەپ قاراپ، ئادالەتنى ياقىلاش ئۈچۈن، بىن لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق چۈشۈردىم.

بۈگۈن، مېنىڭ يوليۇرۇقۇم بىلەن ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ئاببوتئاباددىكى ھېلىقى قورودا قاراتمىلىقى بولغان ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئامېرىكىنىڭ بىر كىچىك ئەترىتى غايەت زور جاسارەت ۋە ئىقتىدار بىلەن ھەرىكەتنى ئىجرا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بىرمۇ خادىمى يارلانمىدى. ئۇلار ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. سوقۇشۇش ئارقىلىق، ئۇلار ئۇساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئولجا ئالدى.

20 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئىچىدە، بىن لادېن ئەزەلدىن «بازا» تەشكىلاتى كاتتىبېشى ۋە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن، ھەمدە دۆلىتىمىز، دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق پىلانلاپ كەلگەن. بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى ــــ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر «بازا» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىمىزدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم نەتىجىمىزنىڭ بەلگىسى.

لېكىن، بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق. شۈبىھسىزكى، «بازا» تەشكىلاتى يەنە پۇرسەت كۈتۈپ بىزگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ، بىزمۇ چوقۇم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرۋاقىت ھۇشار تۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىمىزدا، بىز شۇنى تەكىتلەيمىز، ئامېرىكا ئەزەلدىن ھەم ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىغا جەڭ قوزغىمايدۇ. مەن ئالىبۇرۇنلا ئېنىق جاكارلىغان، زۇڭتۇڭ بۇشمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا شۇنى جاكارلىغان ــــ بىزنىڭ جەڭ ئىسلام دىنىغا قارىتىلمىغان. بىن لادېنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ داھىسى ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇ مۇسۇلمانلارنى زور كۆلەمدە ئۆلتۈرىدىغان قاتىل. ئەمەلىيەتتە،  «بازا» تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەن. بارلىق تىنچلىقنى سۆيىدىغان ھەمدە ئىنسانىي غورۇرغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن خوش بولۇشى كېرەك.

ئىلگىرىكى نەچچە يىل ئىچىدە، «ئەگەر بىز بىن لادېننىڭ پاكىستان چېگرا ئىچىدە پاناھلانغانلىقىنى ئېنىقلىساقلا، ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەنىدىم. بىز بۇ قېتىم شۇنداق قىلدۇق. بۇ يەردە، شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بىزنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىمىز ، بىزنىڭ بىن لادېننىڭ بار جايىنى جەزىملەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ پاناھ جايىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بەردى. ئەمەلىيەتتە، بىن لادېن ئاللىبۇرۇنلا پاكىستانغا جەڭ ئېلان قىلغان، ھەمدە پاكىستان خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرۇق قىلغان.

بۈگۈن كەچ مەن زەردارى زۇڭتۇڭ بىلەن تېلىفونلاشتىم، مېنىڭ قوشۇنۇممۇ پاكىستاندىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار بىردەك «بۈگۈن ئامېرىكا، پاكىستان ئىككى دۆلەت خەلقىگە نىسبەتەن خاتىرەلەشكە تېگىشلىك تارىخىي كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىدى. كەلگۈسىدە، پاكىستان داۋاملىق ئامېرىكا بىلەن بىرگە «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ جەڭنى قىلغۇسى يوقىدى، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ــــ دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئامېركا خەلقىنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈشتۇر. 10 يىلدەك تەقدىم قىلىش، كۆرەش قىلىش ۋە قۇربان بېرىشنى باشتىن كەچۈردۇق. بىز ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى ئۇبدان بىلىمىز، ئامېرىكا ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قېتىم جەڭدە قۇربان بولغان جەڭچىنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغان خەتكە ئىمزا قويغىنىمدا، ئېغىر يارلانغان ھەربىيلەرنىڭ كۆزىگە قارىغىنىمدا، زور بېسىم ھىس قىلىمەن.

ئامېرىكا خەلقى چۈشىنىدۇ، جەڭدە چوقۇم بەدەل تۆلەيمىز. لېكىن، بىر دۆلەت بولغانىكەن، بىز باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىشىغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايمىز، خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۋېتىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز. بىز پۇقرالىرىمىز، دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداش دوستلىرىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىمىزغا مەڭگۈ سادىق بولىمىز. بۈگۈن كەچتىكى مۇشۇنداق پەيتتە، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىدا قان-قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە «ئادالەت ياقىلاندى» دېيەلەيمىز.

بۈگۈن كەچ، مۇشۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن  نۇرغۇنلىغان ئاخباراتچى ۋە تېرورلۇققا قارشى خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمىز. گەرچە ئامېركا خەلقى ئۇلارنىڭ قىلغان خىزمىتىنى كۆرەلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن بۈگۈن كېچە، ئۇلار بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە ئادالەت يولىدا ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسىنى ھىس قىلدى.

بىز بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئىجرا قىلغان خادىملىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلار ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك كەسىپنى قەدىرليدىغان روھ، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى ۋە تەڭداشسىز جاسارەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارسىنتەبىرنىڭ ئاشۇ كۈنىدىن بۇيان ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بىر ئەۋلادقا تەۋە.

ئەڭ ئاخىرىدا، مەن «11- سېنتەبىر ۋەقەسى»دە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بارلىق ئائىلىلەرگە شۇنى ئېيتىمەن، بىز سىلەرنىڭ تارتقان زىيىنىڭلارنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدۇق، بىزنىڭ ئىرادىمىزمۇ قىلچە تەۋرەنمىدى، بىز بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يەنە بىر قېتىم زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

بۈگۈن ئاخشام، بىز «11- سېنتەبىر ۋەقەسى»دىكى ھەممە بىر نىيەتتە بولغان ھېسسىياتنى  ئەسلەيلى. بىلىمەن، بۇنداق تۇيغۇ بەزىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، لېكىن، بۈگۈنكى نەتىجىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈردى.

دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش بۇرچىمىزنىڭ ئاخىرلاشقىنى يوق. بۈگۈن كەچ، بىز ئامېرىكا خەلقى نىيەت قىلغان ھەرقانداق نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. بۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ تەسۋىرى ــــ مەيلى خەلق تۇرمۇشىنى گۈللەندۈرۈشكە ئىنتىلىش بولسۇن، پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسۇن، چېگرا سىرتىدىكى قىممەت قارىشىمىزنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىش، ياكى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىش بولسۇن.

بىز شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى، بىزگە بۇ نەتىجىلەرنى بايلىق ياكى كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ تارىخىمىزدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەت قۇرۇش ئاساسىمىز ئېلىپ كەلگەن: ئۇ بولسىمۇ تەڭرىنىڭ پاناھىلىغىدىكى ئۇيۇشقان، بارلىق پۇقرالار ئەركىنلىك ۋە ئادىللىقتىن بەھرىمان بولغان بىر دۆلەت ئىكىنلىگىمىزدە.

 رەھمەت! تەڭرى سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! تەڭرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!

(تۈگىدى)

ئامېرىكا شەرقىي يازلىق ۋاقتى ۋاقىت كەچ سائەت 11:44 تە

ئاقساراي گۇوۋۇيۈەنى خەلقئارا ئاخبارات ئىدارىسىhttp://iipdigital.usembassy.gov/iipdigital-mgck/index.html

ئۇساما بىن لادىن

 

Read more:

http://iipdigital.usembassy.gov/st/chinese/texttrans/2011/05/20110502112950x0.770696.html#ixzz1LWzEFrhc